Skip to content

Community Alert For Uyghurs: China Relentlessly Targeting You for its Surveillance Campaign

Choose your language

ئۇيغۇرلار، ئاگاھ بولۇڭلار: خىتاي ھۆكۈمىتى سىلەرنى نازارەت قىلماقتا

ئۈچىنچى تەرەپ ساتقۇچىلاردىن ئاندىرويىد ئەپلىرىنى چۈشۈرمەڭ

لوكئاۋۇت بۇلۇت سۇپىسى بىخەتەرلىكى شىركىتى 10 – نويابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان يېڭى بىر نازارەت قىلىش ھەركىتىنى بايقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ نازارەت قىلىش ھەركىتىدە ئەسكى بازار ناملىق ئاندىرويىد نازارەت قورالى ئىشلىتىلگەن ئىكەن. بۇ قورال ئاندىرويىد ئەپلىرىنىڭ، مەسىلەن، تېلېگرامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقە سۇپىسى ۋە قاناللىرى، ناماز ۋاقتى ئەپلىرى، لۇغەت – تەرجىمە ئەپلىرىنىڭ شەكلىگە كىرىۋالغان بولۇپ، تېلفۇنغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن نازارەت قىلىش فۇنكىسىيىسى ئارقىلىق تېلفۇن ئىگىسىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى،ئالاقە نومۇرلىرى، رەسىم ۋە ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرلىرىنى ئوغۇرلۇقچە توپلايدىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەسكى بازار نازارەت قورالى ئالما ئەپلىرىنىڭ شەكلىگە كىرىۋىلىشنىمۇ باشلىغان. مەسىلەن، بۇ نازارەت قورالى ئۇيغۇر لۇغەت ئالما ئەپنىڭ شەكلىگە كىرىۋالغان بولۇپ، ئىسمى ھەم سىنبەلگىسىگە تەقلىد قىلىپ ئوخشىۋالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى، دۇنيانىڭ قەيەرىدە ياشىشىدىن قەتئىنەزەر، نازارەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. گەرچە بۇ بىر يېڭى ھادىسە بولمىسىمۇ، لوكئاۋۇت شىركىتىنىڭ بۇ يېڭى دوكىلاتى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تور بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم يورۇتۇپ بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەن- تېخنىكىنى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشتا ۋاستە قىلىۋىلىشى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئەنسىرىتىشى لازىملىقىدىن بىشارەت بەردى. مەسىلەن،دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نازارەت ھەركىتى ئافغانىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

نىمە ئىش قىلىش كېرەك:

  • - ئەپلەرنى رەسمىي بەلگىلەنگەن ئورۇندىن چۈشۈرۈش، ئىجتىمائى ئالاقە سۇپىلىرى ياكى بۇ سۇپىلاردا پايلىشىلغان تور ئۇلانمىلىرىدىن چۈشۈرمەسلىك؛
  • - بۇ ئۇچۇرنى كەڭرى تارقىتىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇش؛
  • - مۇسۇلمان دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ ئافغانىستان ۋە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتىكى سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇشى؛
  • - خىزمەت ئورۇنلىرى، جامائەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار بارىدىغان مەسچىدلەر بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىشى؛
  • - دۇنيادىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىرىشى؛
  • - مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنى قوللىماسلىقى ۋە ياردەم بېرىشىنى توختىتىشى كېرەك.

بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار:

“Beyond Silence: Collaboration Between Arab States and China in the Transnational Repression of Uyghurs”. Uyghur Human Rights Project / Oxus Society. 24 March 2022. https://uhrp.org/report/beyond-silence-collaboration-between-arab-states-and-china-in-thetransnational-repression-of-uyghurs/

China Perpetrating Transnational Repression of Uyghurs on Massive Scale, New Joint Report Reveals. Uyghur Human Rights Project (UHRP) and the Oxus Society for Central Asian Affairs, joint report. June 24, 2021. https://uhrp.org/statement/china-perpetrating-transnationalrepression-of-uyghurs-on-massive-scale-new-joint-report-reveals/

Lookout Discovers Long-running Surveillance Campaigns Targeting Uyghurs, November 10, 2022. Lookout Discovers Long-running Surveillance Campaigns Targeting Uyghurs | Lookout

Promoting Accountability for Transnational Repression Committed by People’s Republic of China (PRC) Officials. Press Statement. Antony J. Blinken, Secretary of State. March 21. 2022. https://www.state.gov/promoting-accountability-for-transnationalrepression-committed-by-peoples-republic-of-china-prc-officials/

Researchers say spyware is connected to a Chinese government-backed hacking group, Johana Bhuiyan in New York, November 10, 2022. Spyware targets Uyghurs by ‘masquerading’ as Android apps – report | Uyghurs | The Guardian

Back To Top