Skip to content

S.4073 نومۇرلۇق 2022 ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لاھىيىسى 2022 – يىلى ئاپرېلدا سەنەتور ماركو رۇبىيو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ قانۇن لاھىيىسىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس بولغان مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ۋە يەنە باشقا مەقسەتلەرئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇن لاھىيىسى

بۇ قانۇن لاھىيىسى ئاممىۋى دىپلوماتىيە، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نامىدىكى ھەرىكەتلەرگە ئالاقىدار ئاممىۋى دىپلوماتىيىنى مەركىزى ئورۇنغا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ئۈچۈن بىر ئالاھىدە دوكلاتچىنى تەيىنلەش تەكلىپىنى قوللايدۇ.

ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندىكى ئاممىۋى دىپلوماتىيە:

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئالاقىدار خىزمەتلەردىكى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپ ياردەمچىسىنىڭ ياردىمىدە، ئامېرىكا باياناتچىسى پروگراممىسى ئارقىلىق، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، باشقا مىللەت كىشىلىرى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەر ۋە باشقا رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇنبەرلىرىدە خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، باشقا مىللەت كىشىلىرى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىشىنى قوللىشى كېرەك.

SEC. 5. شۇنى بەلگىلەيدۇكى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش سىتراتېگىيىلىك پىلانىنى تۈزۈشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ۋە باشقا كۆپلىگەن ئالاھىدە دوكلاتچىلىرىنىڭ مۇستەقىل خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە سىياسى تەربىيە لاگىرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۈچۈن دەرھال ۋە چەكلىمىسىز پۇرسەتكە ئېرىشىش توغرىسىدىكى جىددىي چاقىرىقىنى قوللىشىغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ ياردەمنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەپسىلى باھالاش پىلانى تۈزۈشى، ئامېرىكا قانداق قىلغان ئوخشاش قاراشتىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش توغرىسىدا بېسىم چۈشۈرەلەيدىغانلىقىنىڭ تەپسىلاتىنى يېزىپ چىقىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى قانداق قىلغاندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىنلاردا مىللىتى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تىل جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقى، سىياسى قاراشلىرى ياكى دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق سەۋەبلەردىن تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق مەھبۇسلارنى دەرھال شەرتسىز قويۇۋىتىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا تەپسىلى پىلان تۈزۈشى كېرەك، ۋە بۇلارنى بۇ قانۇن لاھىيىسى ماقۇللانغاندىن باشلاپ 180 كۈن ئىچىدە پارلامېنتقا تاپشۇرۇشى لازىم.

SEC. 6. ئۇيغۇرتىلىدا تەربىيىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ھۆكۈمەت خادىملىرىغا، زۆرۈر بولغاندا، ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيىلەش پۇرسىتىنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي، تۈركىيە، ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ۋە ئەلچىخانا خىزمەتلىرىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان تاشقى ئىشلار خادىمىنىڭ بار بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشىشى كېرەك.

SEC. 7. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئاۋازى، بىلەت تاشلاش ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر قانداق بىر تارمىقىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئالاقىدا مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان ياكى قوللىغان پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ سۆز قىلىشىنى توسۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرۇشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە زوراۋانلىقلىرىنى كۈزىتىش مەقسىتىدە بىر ئالاھىدە دوكلاتچى تەيىنلەش ياكى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىشنى قوللىشى، پۈتتۈرۈلگەن دوكلاتلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كېڭىشى، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ۋە باشقا تارماقلىرىغا يەتكۈزۈلۈشىنى قوللىشى لازىم.

S.4073 – Uyghur Policy Act of 2022 was introduced in the Senate on April 2022, by Senator Marco Rubio (R-TX).

The full title is: “A bill to support the human rights of Uyghurs and members of other ethnic groups residing primarily in the Xinjiang Uyghur Autonomous Region and safeguard their district civilization and identity, and for other purposes.

The bill focuses on public diplomacy especially in the Islamic world, and UN action and supports the appointment of a special rapporteur for Uyghur concerns.

PUBLIC DIPLOMACY IN THE ISLAMIC WORLD WITH RESPECT TO THE UYGHUR SITUATION.

The Secretary of State, working through the Assistant Secretary of State for Educational and Cultural Affairs, shall support, through the United States Speaker Program, human rights advocates representing Uyghurs and members of other ethnic and religious groups persecuted in the PRC, to speak at public diplomacy forums in Muslim-majority countries and other regions about issues regarding the human rights and religious freedom of Uyghurs and members of other ethnic and religious groups that are being persecuted in the PRC.

SEC. 5. determines that not later than 180 days after the date of the enactment of this Act, the Secretary of State shall develop and submit to Congress a strategy to support and secure the release of political prisoners detained in the PRC. detailed assessment of how the United States can leverage its contributions to the United Nations to support the United Nations Commissioner for Human Rights and numerous United Nations Special Rapporteurs’ urgent calls for immediate and unhindered access to detention facilities and “political reeducation” camps in the XUAR by independent international organizations and the Office of the United Nations High Commissioner for Human Rights for a comprehensive assessment of the human rights situation; a detailed description of how the United States Government will work with other like-minded countries to pressure the PRC to immediately stop the genocide of Uyghurs and other ethnic groups in the XUAR; and a detailed plan for how United States Government officials can use meetings with representatives of the Chinese Communist Party to demand the immediate and unconditional release of all prisoners detained for their ethnic, cultural, religious, and linguistic identities, or for expressing their political or religious beliefs in the XUAR.

SEC. 6. REQUIREMENT FOR UYGHUR LANGUAGE TRAINING.
The Secretary of State shall ensure that Uyghur language training is available to Foreign Service officers, as appropriate; and every effort is being made to ensure that a Uyghur-speaking member of the Foreign Service is assigned to United States diplomatic and consular missions in the PRC, Turkey, and other nations hosting Uyghur populations.

SEC. 7. UYGHUR CONSIDERATIONS AT THE UNITED NATIONS.
The Secretary of State and the United States Permanent Representative to the United Nations shall use the voice, vote, and influence of the United States at the United Nations to oppose any efforts to prevent consideration of the issues related to the XUAR in any body of the United Nations; and to prevent the participation of any Uyghur human rights advocates in nongovernmental for a hosted by or otherwise organized under the auspices of any body of the United Nations; and to support the appointment of a special rapporteur or working group for the XUAR for the purposes of monitoring human rights violations and abuses in the XUAR; and making reports available to the High Commissioner for Refugees, the High Commissioner for Human Rights, the General Assembly, and other United Nations bodies.

Back To Top