Skip to content

HUMAN RIGHTS GROUP DISMAYED AT IMAMS’ VISIT TO CHINA, FEARING IT IS BEING USED TO FURTHER PROPAGANDA ABOUT STATE OF UYGHURS

ئىماملارنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق ھەم بۇ زىيارەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رىئاللىقىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ ئىلىنوس شىتاتى چىكاگو شەھرىدىكى باش شىتابىدىن تۆۋەندىكى باياناتنى ئېلان قىلدى:

مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلات بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان،دوكلاتلاردا تەپسىلى خاتىرلەنگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە جىنايەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ساختا تەشۋىقاتلىرىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بۇ قېتىم بۇ ساختا تەشۋىقات خىتاي ئۆزى شىنجاڭ دەپ ئاتىۋالغان شەرقىي تۈركىستانغا بىر گۇرۇپپا ئىماملارنى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىدە بولدى.

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە كۆرە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، سۈرىيە ۋە بوسنىيە قاتارلىق 14 دۆلەتتىن 30 دىن ئارتۇق ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ زىيارەتكە داخىل بولغان.

ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىمام ئابدۇلمەلىك مۇجاھىد مۇنداق دېدى: “خىتاي بۇ زىيارەت ئارقىلىق بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگىرلىرىغا تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى يوشۇرماقچى. تۇتقۇندا بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىسلامنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىش ياكى ئۈگىنىش ئەركىنلىگى يوق. ئۇلارنىڭ سەپەر قىلىش ئەركىنلىكى، ئەركىن ھاياتى يوق.”

2017 – يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلىقلىرىگە قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنى ئېغىرلاشتۇردى. دوكلاتلاردا خاتىرلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگىرلىرىغا سولاش، قىيىنقىستاققا ئېلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش،خورلاش ۋە ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەسچىدلەرنى ۋە قەبرىستانلىقلارنى چېقىش، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىسلامىي دىنىي ئېتىقادقا ئائىت ئىشلارنى جازالاش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى ئومۇمىي مەقسەت قىلغان.

ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىمام ئابدۇلمەلىك مۇجاھىد يەنە مۇنداق دېدى: “بۇ زىيارەتكە قاتناشقان ئىماملار دەپ باقسۇن، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار سولانغان جازا لاگىرلىرىنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىندىمۇ؟ مەسچىدلەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ نازارىتىدىن خالىي ھالدا زىيارەت قىلالاپتىمۇ؟

ئىمام ئابدۇلمەلىك مۇجاھىد بۇ زىيارەتكە قاتناشقان ئىماملاردىن خىتاينىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى تەلەپ قىلدى. يەنە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى 300دىن ئارتۇق ئىمام ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش تەلىۋىنى ئويلىشىپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىمام ئابدۇلمەلىك مۇجاھىد مۇنداق دېدى: “بىز بارلىق كىشىلەرنى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە بولۇشقا چاقىرىمىز

FOR IMMEDIATE RELEASE

CONTACT:

Imam Abdul Malik Mujahid

Phone: 312 804 1962

Email: malik@soundvision.com

Website: www.soundvision.com

Thursday January 12, 2023

HUMAN RIGHTS GROUP DISMAYED AT IMAMS’ VISIT TO CHINA, FEARING IT IS BEING USED TO FURTHER PROPAGANDA ABOUT STATE OF UYGHURS

CHICAGO, IL – American Muslim human rights organization Justice For All expressed its dismay today at the continued propaganda of the Chinese government in the Muslim world to hide its documented genocide and crimes against the Uyghur Muslims and other ethnic groups. The concern this time relates to a visit by a group of Imams to East Turkestan, which the Chinese government refers to as Xinjiang.

According to Chinese media, more than 30 Islamic scholars from 14 countries visited the area, including those from Saudi Arabia, Egypt, Syria, and Bosnia and Herzegovina.

“China conducts these tours to hide the fact that more than a million Uyghurs are detained in the concentration camps and are being used for forced labor,” said Imam Abdul Malik Mujahid, Justice For All’s president. “Those not in the concentration camps do not have freedom to practice Islam or learn about their faith. They are denied freedom to travel and a free life.”

Since 2017, the Chinese government has ramped up its campaign of genocide against the Uyghurs and other Turkic people in East Turkestan. Documented cases of the government’s concentration camps, widespread use of torture, rape, abuse, and forced sterilization of women are accompanied by an overall goal of wiping out Uyghur culture via demolitions of mosques and Muslim cemeteries, banning the Uyghur language, and punishing any expression of Islamic religious faith.

“We invite these imams to disclose to the Muslim community if they were allowed to visit any concentration camps of Uyghurs. Were they able to freely visit a mosque and meet Uyghurs without being escorted by the Chinese agents?” asked Imam Abdul Malik Mujahid, president of Justice For All, which has been running the “Save Uyghur” campaign to raise awareness.

Imam Mujahid is respectfully asking these imams to meet with Uyghur Muslims outside of China who are free to tell the story of their loved ones. He also asked these Imams to consider a statement issued by 300 major Imams and Islamic scholars in the United States asking Muslims to show solidarity with Uyghur Muslims.

“We call upon all people to stand in solidarity with the Uyghur people,” Imam Mujahid said.

Back To Top