Skip to content

Save Uyghur Campaign Welcomes the U.N. Special Rapporteur’s Report on Uyghur Forced Labor, Demands Release of Full Report

ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش پائالىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە دوكلاتچىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخسىنى ئېلان قىلىىشىنى تەلەپ قىلىدۇ

ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش پائالىيىتى ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ. بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى (شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىدىن بولغان پۇقرالارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىي مەقسىدى ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارلىقىسىز مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

بۇ دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى قۇللۇق شەكلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى “شەخسىي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى قۇللۇقى، مەجبۇرىي ۋە باغلانغان ئەمگەك، ئائىلە قۇللۇقى، جىنسىي قۇللۇق، (ئىشلەش يېشىغا توشمىغان) بالىلارنى ئىشلىتىش، ۋە مەجبۇرىي نىكاھ ” قاتارلىق تەرەپلەردىن ئېچىپ بېرىلگەن.

كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى ئادرىئان زېنىزنىڭ قارىشىچە، بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئىككى ئەھدىنامىسىغا قول قويغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئېلان قىلىنغان. بۇ ئىككى ئەھدىنامە 1930-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 29 – نومۇرلۇق مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى ۋە 1957-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 105 – نومۇرلۇق مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسىنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ۋاقىت جەھەتتىن بۇنداق توغرا كېلىپ قېلىشى مۇشۇ ئەھدىنامىلەرگە قول قويغان خىىتاي ھۆكۈمىتىگە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە بېسىم چۈشۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 20 بەتلىك بۇ دوكلاتىغا قارىتا، ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى گۇرۇپپا باشلىقى سەرۋى ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: « كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل بەشېلەي خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشغال قىلغان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنى داۋاملىق كېچىكتۈرىۋەرمەي ئېلان قىلىش ھەققىدە خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرمەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاساس قىلغان بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىىشىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر ئىجابىي قەدىمى دەپ قارايمىز. بۇ دوكلات ياخشى بوپتۇ، ئەمما پۈتۈن دۇنيا بۇ دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ساقلاۋاتىدۇ. تومويا ئوبوكاتانىڭ دوكلاتى خىتاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساختا سىياسىتى نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ پەقەت بىر تەرىپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. »

گەرچە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، لىتۋانىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى باشقا جىنايى قىلمىشلىرىنى قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان كرىزىسنى ھەل قىلىشتا بېيجىڭغا بېسىم قىلالمىدى.

ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش پائالىيىتىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى دوكلات ئېلان قىلىشىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە مىشەل بەشېلەيدىن دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخسىنى ئېلان قىلىىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بۇ دوكلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يېقىن كەلگۈسىدە توختىتىش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر ھەرىكەت قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۈمكىن.

Save Uyghur Campaign welcomes the U.N. Special Rapporteur’s report on Contemporary Forms of Slavery which confirms that Uyghur, Kazak, Kyrgyz, and other Turkic people in East Turkestan (aka: Xinjiang Autonomous Region) have been being used as forced labor involuntarily for state sponsored political purposes by the Chinese government.

According to this report, the main causes of contemporary forms of slavery in East Turkestan are “chattel slavery; forced and bonded labor; domestic servitude; sexual slavery; child and forced marriage; and child labor.”

According to Adrian Zenz, the senior fellow at the Victims of Communism Memorial Foundation, this report was released shortly after China’s ratification of two ILO conventions against forced labor. These two ILO conventions are Forced Labor Convention, 1930 (No. 29) and the abolition of Forced Labor convention, 1957 (No. 105). For this reason, the timing of the release of this report is very delicate and serves to pressure China on the forced Uyghur labor issue.

Regarding this 20 page long U.N.report, Serwi Huseyin, team-lead of our Save Uyghur Campaign said, “We recognize this report which focuses on Uyghur forced labor as one positive step that the U.N. has made under global pressure which demands U.N. High Commissioner for Human Rights, Michelle Bachellet release a long-delayed report on the Chinese government’s crimes against humanity and genocidal campaign in the Chinese occupied East Turkestan.” She also stated, “This report is good, but the world is waiting for the full report. Tomoya Obokata’s report only highlights China’s slave labor program which it is undertaking under the guise of fake poverty allievation policy, and it’s only one facet of the current genocide.”

Though the United States, United Kingdom, Canada, Lithuania and several other countries have declared China’s mass detaintment and other crimes against humanity committed on Uyghurs as genocide, U.N. member states have failed to pressure Beijing to address the ongoing crisis in East Turkestan.

While welcoming the release of today’s UN report, Our Save Uyghur team urges the UN to release the full version of Bachelet’s long-awaited report on East Turkestan as this report might push U.N. member states to take meaningful actions to stop the Uyghur genocide in the near future.

Back To Top