Skip to content

Urgent Action For Uyghurs

سەنەتورىڭىزغا تېلفۇن قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لاھىيىسىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلىڭ

ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھىسى:

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر خەلقىغە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زۇلۇم سېلىپ كەلمەكتە. بۇ ھۆكۈمەت 2017-يىلىدىن بۇيان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ جازا لاگىرلىرىغا سولىدى. ئۇلارغا مەجبۇرىي سىياسىي تەربىيە بېرىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ئۇرۇش، ئاچ قويۇش، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋىتىش، دىن، مەدەنىيەت ۋە ئانا تىل ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش قاتارلىقلار ۋاستىلەر بىلەن زۇلۇم قىلدى.

ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھىسى ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى قوللاشنى، خىتاي كوممۇنىستىك كومپارتىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتىسىدا ماقۇللاندى.

ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھىسى:

  • ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئېلىپ باردىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر توغرىسىدىكى ئاممىۋى دىپلوماتىك سۆھبەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
  • ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن خىتاي خادىملىرى بىلەن بولىدىغان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلارنىڭ بىخەتەر قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش سىتراتىگىيىسىنى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
  • ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىدىن ئامېرىكا دىپلومات خادىملىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيىلەش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
  • ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىكى دىپلوماتىيە ۋە ئەلچىخانا خىزمەتلىرىدە ئەڭ ئاز دىگەندە بىردىن ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان دىپلومات خادىمىنىڭ بار بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
  • ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

سىز “تېلفۇن قىلىمەن” دىگەن كۇنۇپكىنى باسقاندىن كېيىن، تېلفۇنىڭىزغا بىزنىڭ تېلفۇن ئۇرۇش سېستىمىمىزدىن تېلفۇن كېلىدۇ ھەم سىزنىڭ تېلفۇنىڭىزنى قارشى تەرەپكە ئۇلاپ بېرىدۇ. تېلفۇنىڭىزنى سۆزلىشىشكە تەييار قىلىپ تۇرغايسىز.

 
Back To Top